باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئىراننىڭ يادرو سۆھبىتى بىر ئۇزاق مەزگىللىك ۋە ئەگرى توقاي تارىخى مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ بۆسۈش خاراكتېرلىك كېلىشىم ھاسىل قىلدى(2)

2013.11.28 13:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كېلىشىم ھاسىل قىلىنغاندىن كىيىن، ھەر قايسى تەرەپلەر بۇنى بەس بەستە قارشى ئالدى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما ئاق سارايدا سۆھبەت بايان قىلىپ، بۇنداق ناھايىتى ياخشى كېلىشىمنىڭ ھاسىل قىلىنىشى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا مۇھىم بىر قەدەم تاشلىغانلىقىنى كۆرسەتتى دېدى. بىراق ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنداق دېدى: بۇ بىر دەسلەپكى بىر قەدەم، ئەگەر ئىران ئالتە ئاي ئىچىدە كېلىشىمگە تولۇق ئەمەل قىلمايدىغان بولسا، ئۇنىڭغا قارىتا 7 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن جازا يەنە يولغا قويۇلىدۇ ھەمدە ئامېرىكا ئىرانغا تېخىمۇ چوڭ بېسىم ئىشلىتىدۇ. ئۇ ئامېرىكىنىڭ پارس قولتۇقى رايونىدىكى بىر قىسىم ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننىڭ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشغا گۇمانىي قاراشتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى جەنۋەدە تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: جەنۋەدە كېلىشىم ھاسىل قىلىندى، بۇ دۇنيا بىخەتەرلىكىگە قاراپ تاشلانغان تۇنجى قەدەم بولۇپ يەنە كۆپلىگەن خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ.

  كېررى ئۇندىن كىيىن يەنە مۇنداق دېدى: ئەگەر ئىراننىڭ يادرو تۈرى تىنچلىقنى مەقسەت قىلسىلا، خەلقئارا جەمئىيەت بۇنى قوللايدۇ. بىراق كېررى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كېلىشىمگە ئىراننىڭ ئوران قويۇلدۇرۇش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدىكى مەزمۇنلار كىرگۈزۈلمىدى.

  ئەنگلىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى خايگىر مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىش، پۈتكۈل دۇنيا ئۈچۈن ئىلى ئېيتقاندا بىر ياخشى خەۋەر.

  ئىران پىرېزىدېنتى روخانى بۇ كېلىشىمنىڭ ھاسىل قىلىنىشى، يېڭى ئىستىقبال ئاچتى دېدى. ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەرىف، كېلىشىمنىڭ ھاسىل قىلىنىشى بىر مۇھىم نەتىجە، بىراق بۇ تۇنجى قەدەم دېدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى تورىنىڭ يەنە بىر خەۋىرىگە قارىغاندا، زەرىف 24-نويابىر جەنۋەدە، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئالتە دۆلەت ھاسىل قىلغان تۇنجى باسقۇچلۇق كېلىشىمدە ئالتە ئاي ئىچىدە ئىراننىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى %20 لىك ئورۇن قويۇلدۇرۇشنى ۋاقتىنچە توختىتىشى، بىراق قالغان ئوران قويۇلدۇرۇش تۈرىنى داۋاملاشتۇرۇشى بېكىتىلدى، دېگەن.

  2003-يىلدىن بۇيان، ئىراننىڭ يادرو سۆھبىتى بىر ئۇزاق مەزگىللىك ۋە ئەگرى توقاي تارىخى مۇساپىنى بېسىم ئۆتتى.

  20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە، ئىران يادرو ئېنېرگىيەسى تەتقىقاتى ھەرىكىتىنى باشلىغان، ئۇنىڭ يادرو تېخنىكىسى ئاساسلىقى ئەينى ۋاقىتتا مۇناسىۋىتى يېقىن بولغان ئامېرىكا بىلەن غەرب ئەللىرىدىن كىرگۈزگەن. 1980-يىلى 4-ئايدا، ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئۈزۈلگەندىن كىيىن، ئامېرىكا ئىراننىڭ يادرو ئېنېرگىيەسىدىن تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىشنى بانا قىلىپ، يادرو قوراللىرىنى مەخپىي تەرەققىي قىلدۇرماقتا دەپ ئەيىبلىدى.

  2003-يىلى 2-ئايدا، ئىران ئوران كانىنى بايقىغان ۋە ئۇنى تاۋلاشقا باشلىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ يادرو پىلانى دەرھال ئامېرىكىنىڭ قاتتىق گۇماننى ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بۇنىڭ بىلەن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىمۇ جامائەتچىلىككە ئايان بولدى.

  2003-يىلى 9-ئايدا، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى تۇنجى قېتىم قارار ماقۇللاپ، ئىراندىن يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسىنىڭ قوشۇمچە كېلىشىمىنى تېزدىن ئىمزالاپ، ئوران قويۇلدۇرۇش سىنىقىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇندىن كىيىن، ئىراننىڭ ئوران قويۇلدۇرۇش ھەرىكىتىنى تەل-تۆكۈس توختىتىش ئۈچۈن، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى ئىلگىرى كىيىن بولۇپ بىر قاتار كېلىشىملەرنى ماقۇللىدى.

  2003-يىلى 12-ئايدا، ئىران، يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسىنىڭ قوشۇمچە كېلىشىمىنى رەسمىي ئىمزالىدى. بىراق ئىران ئىزچىل تۈردە، يادرو ئېنېرگىيەسىدىن تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ كەلدى ھەمدە ئوران قويۇلدۇرۇش ھەرىكىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىش جەھەتتە كۆپ قېتىم تەكرارلىنىش بولدى.

  2004- يىلى 11-ئايدا، فرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيە ئىران بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كىيىن، پارىژدا دەسلەپكى قەدەمدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى. ئىران ئورۇن قويۇلدۇرۇشقا ئالاقىدار بارلىق سىرتقى ھەرىكىتىنى توختاتتى. بىراق ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ كۆرۈلگەنلىكتىن، پارىژ كېلىشىمى ئەمەلىيلەشمىدى.

  2006-يىلى 1-ئاينىڭ باشلىرىدا، ئىران ئۈزۈلۈپ قالغىنىغا ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بولغان يادرو ماتېرىياللىرىنى تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، بۇنىڭ بىلەن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى قايتىدىن ئەۋج ئالدى. شۇ يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى كېڭىشى قارار ماقۇللاپ، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنۇشنى قارار قىلدى. 7-ئاينىڭ 12-كۈنى، رۇسىيە، ئامېرىكا، جۇڭگو، ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيەدىن ئىبارەت ئالتە دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى پارىژدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە قايتىدىن سۇنۇش توغرىسىدىكى قارارنى ماقۇللىدى.

  200-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 1696-نومۇرلۇق قارار ماقۇللاپ، ئىراندىن 8-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن ئىلگىرى، ئوران قويۇلدۇرۇشقا ئالاقىدار ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇندىن كىيىن، ئىران ئوران قويۇلدۇرۇش ھەرىكىتىنى توختىتىشنى رەت قىلغانلىقتىن، خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىلگىرى كىيىن بولۇپ ئىراننى جازالاشقا ئالاقىدار كۆپ تۈرلۈك قارار ماقۇللىدى.

  2006-يىلى، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنۇلغاندىن كىيىن، خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، رۇسىيە، جۇڭگو دىن ئىبارەت بەش دۆلەت ۋە گېرمانىيە ئىران بىلەن ئىلگىرى كىيىن بولۇپ كۆپ قېتىم سۆھبەتلىشىپ، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئالتە دۆلەت كېڭىشىش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈردى. 2008-يىلى 7-ئايدىن بۇيان، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئالتە دۆلەت ئىران بىلەن ئىلگىرى كىيىن بولۇپ جەنۋە، ئىستانبۇل، باغداد، موسكۋا ۋە ئالمۇتا قاتارلىق جايلاردا كۆپ قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى تەرەپنىڭ ئوران قويۇلدۇرۇش، جازالاش قاتارلىق يادرولۇق مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپى ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەت ئىزچىل تۈردە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرلەشلەرگە ئېرىشەلمىدى.

  ئىراننىڭ يېڭىدىن سايلانغان پىرېزىدېنتى روخانى بۇ يىل 8-ئايدا، ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، ئىران ھۆكۈمىتى يارىشىش سىگنالىنى بەردى ھەمدە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە ئەمەلىي ۋە ئېچىۋېتىش پوزىتسىيەسىنى بىلدۈردى. روخانى بۇ يىل 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا سۆز قىلغاندا، ئىران- ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى سۆھبەتكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ئىراننىڭ يادرو پىلانىنىڭ پەقەت تىنچلىقنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى. 9-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەرىف ئالتە دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىلەن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە تۇنجى قېتىم يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇردى، ھەر قايسى تەرەپلەر 10-ئاينىڭ 15-، 16-كۈنلىرى جەنۋەدە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدا كېيىنكى نۆۋەتلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلدى.

  2013- يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى، ھەر قايسى تەرەپلەر ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك كېلىشىم ھاسىل قىلدى. بۇ كېلىشىمدە ئىراندىن ئالتە ئاي ئىچىدە بىر قىسىم يادرو تۈرلىرىنى توختىتىشى، يادرو تەتقىقاتنىڭ كۆلىمىنى قىسقارتىشى تەلەپ قىلىندى. ئەگەر ئىران ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدىغان بولسا، ئالتە ئاي ئىچىدە، ھېچقانداق جازاغا ئۇچرىمايدۇ، ئامېرىكا، ئىرانغا قاراتقان 7مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كېلىدىغان جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر