خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەڭرىتاغ قار لەيلىسى يەنە «قار نىلوفەر» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يەرلىكتىكى ئۇيغۇرلار تاغ لەيلىسى دەپ ئاتايدۇ. سەدەپ گۈلى ئائىلىسىدىكى كەم ئۇچرايدىغان كۆپ يىللىق غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇ شىنجاڭدىكى ئالاھىدە كەم ئۇچرايدىغان قىممەتلىك جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكى دورىسى بولۇپ، تەڭرىتاغ تاغ تىزمىسىدا دېڭىز يۈزىدىن 4 مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتىكى تىك قىيالاردا، مۇزلۇق تاش يېرىقلىرىدا ئۆسىدۇ.
ئۇ يەرلەر ئىنتايىن سوغۇق، يىلبۇيى قار ئېرىمەيدىغان بولغاچقا، ئادەتتىكى ئۆسۈملۈكلەر بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، لېكىن قار لەيلىسى نۆلدىن تۆۋەن نەچچە ئون سېلسىيە گرادۇسلۇق قاتتىق سوغۇق ۋە ئوكسىگىن كەمچىلىك بولغان مۇھىتتا ئۆسۈپ، ئۆزىگە خاس بولغان فورمولوگىيەلىك ئالاھىدىلىك ۋە سىرلىق دورىلىق قىممىتىگە ئىگە بولغان، كىشىلەر قار لەيلىسىنى «ئۆسۈملۈكلەر شاھى»، «دورىلارنىڭ ئەڭ ئېسىلى» دەپ ئاتايدۇ.