باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرايلى(2)

2013.11.27 23:34   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ: جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرايلى(2)

  خەلق تورىنىڭ 27-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: شى جىنپىڭ 26-چېسلا چۈفۇ ناھىيەسىدىكى كۇڭزى قەسىرىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم كۇڭزى تەتقىقات ئورنى كەلدى. كۇڭزى تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىسى بولغان كىتاب ۋە ژۇرناللار تىزىلغان ئۈستەلنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، شى جىنپىڭ زور قىزىقىش بىلەن ۋاراقلاپ كۆردى، ئاندىن «مۇھاكىمە ۋە باياننىڭ شەرھى» قاتارلىق ئىككى كىتابنى قولىغا ئېلىپ «بۇ ئىككى كىتابنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىمەن» دېدى.

  ئاندىن شى جىنپىڭ ئالاقىدار مۇتەخەسسىس-ئالىملار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئۇزاق ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ئىگە جۇڭخۇا مىللىتى ئۆز مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرۇشقا قادىر. كۇڭزى ۋە كۇڭزىچىلىقنى تەتقىق قىلغاندا تارىخىي ماتېرىيالىزملىق مەيداندا، قەدىمكىنى ھازىر ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتا، شاكىلىنى چىقىرىپ تاشلاپ مېغىزىنى، ساختىسىنى چىقىرىۋېتىپ چىنىنى قوبۇل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىنىڭ تەرەققىياتىغا قاراپ يېتەكچىلىك قىلىپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئۇنى يېڭى دەۋر شارائىتىدا ئاكتىپ رول ئوينايدىغان قىلىش كېرەك. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·گۇاڭدۇڭ بىلەن موسكۋا ئارىلىقىدا يۈك پويىزى قاتنىدى 
      ·ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمى سانى236 مىڭغا يەتكەن
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ھەپتىلىكى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمى شەھەر-بازار ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمىدىن كۆپ بولىد…
      ·يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمى كەلگۈسىدە شەھەر بازار ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ 
      ·ئەنئەنىۋىي بالىلار ئويۇنى 
      ·مائارىپ ئىسلاھاتى تېخىمۇ ئادىل نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە
      ·21 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسى…
      ·ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭىنىڭ قىزىنىڭ يېرىم يالىڭاچ سۈرىتى ئاشكارىلاندى(1)
      ·مائارىپ نازارىتىنىڭ تور بېكىتى مەملىكەت بويىچە ‹‹ئون ياخشى›› تور بېكىتى دېگەن نامغا ئېرىشتى