خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21-نويابىر سائەت 11 ئەتراپىدا، ئۈرۈمچىدىن خوتەنگە بارىدىغان تۇنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك K9772/3 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن يۈرۈپ كەتتى. بۇ پويىز بۈگۈندىن باشلاپ ھەر 2 كۈندە بىر قېتىم، پۈتۈن مۇساپىدە 32 سائەت 30 مىنۇت قاتنايدۇ. K9772/3 قېتىملىق پويىز يېڭى تىپتىكى ھاۋا تەڭشىگۈچلۈك پويىز بولۇپ، پويىز ئىچى مۇھىتى تېخىمۇ راھەت، يۈرۈش ۋاقتى تېخىمۇ قىسقا. پويىزنىڭ ھىملىقى تېخىمۇ ياخشى بولغانلىقتىن، پويىز قاغىلىقتىن ــ خوتەن بۆلىكىگىچە قۇم-بورانلىق ھاۋارايىغا دۇچكەلگەن تەغدىردىمۇ يولۇچىلارغا بېرىدىغان تەسىرى تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر