خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20-نويابىر، نەنچاڭ تۆمۈر يول ئىدارىسى ئىدارە ھالقىغان بىۋاستە قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزلىرىغا «قارا قۇتا» دېيىلىدىغان پويىز قۇيرۇقى قۇرۇلمىسى ئورنىتىشقا باشلىدى. نۆۋەتتە جۇڭگو تۆمۈر يول باش شىركىتى پۈتۈن لېنىيەدىكى پويىزلاردا بۇ خىل قۇرۇلمىنى سىناق تەرىقىسىدە ئومۇميۈزلۈك ئىشلەتتى. پويىز قۇيرۇقى قۇرۇلمىسىنىڭ تولۇق نامى پويىز قۇيرۇق قىسىم بىخەتەرلىك مۇھاپىزەت قۇرۇلمىسى بولۇپ، پويىزنىڭ قۇيرۇق قىسىمىدىكى شامال بېسىمى سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئاپتوماتىك يىغىپ ۋە ئەۋەتىپ، پويىزنىڭ بىخەتەر يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى