خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 18-نويابىر، ئامېرىكا كاناۋېرال تۇمشۇقى ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا ئامېرىكىنىڭ «مارس ئاتموسفېراسى ۋە پارلىنىپ ئۆزگىرىش»نى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. ئۇ مىسلىسىز توغرىلىق نىسبىتى بىلەن مارس يۇقىرى قەۋەت ئاتموسفېراسى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئالىملارنىڭ مارس ئاتموسفېرا قەۋىتىنىڭ نېپىزلەپ كېتىشىنىڭ سىرىنى ئېچىشىغا ياردەم بېرىدىكەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر