خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 12-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تېكساس ئىشتاتىدىكى 63 ياشلىق لوئېن ۋېيدې ئىسىملىك بىر ئەر 4 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 200 مىڭ دوللاردىن كۆپرەك پۇل خەجلەپ (خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 1 مىليون 210 مىڭ يۈەن)، ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي ماشىنا يولىنى ئاقسارايدىكى زوڭتوڭ ئىشخانىسىغا ئوپمۇ ئوخشاش ئىشخانا قىلىپ ئۆزگەرتىپ چىققان. بۇنىڭدىن باشقا، ۋېيدې يەنە جون كېننىدى ئىلگىرى ئولتۇرغان ماشىنا، كرېسلو ۋە كائېرۋېن كېلاجى سېتىۋالغان گىرىم ئۈستىلى قاتارلىق ئۇزۇن يىلدىن بېرى يىغىپ ساقلىغان زوڭتوڭ خاتىرە بۇيۇملىرىنى ئىشخانىغا تىزىپ بىر-بىرلەپ كۆرگەزمە قىلماقچىكەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر