توردىكى چوڭ تاغا نەۋقىران يىگىتكە ئايلاندى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، « كورىيەلىك كايپاڭ يۈزلۈك يىگىتنىڭ جاپالىق ھۆسۈن تۈزىتىش جەريانى» ناملىق سۈرەت توردا تارقالدى. سۈرەتتە كورىيەلىك بىر «تاغاش»نىڭ نەۋقىران يىگىتكە ئايلانغانلىق جەريانى تورداشلارنىڭ مۇنازىرىسىنى قوزغىدى. ھۆسۈن تۈزەتكەن يىگىتنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ يۈزىنىڭ 50تىن ئارتۇق يېرى تىلىنغان، بىر تورداش نېمىدىگەن قورقۇنچلۇق دېگەن.