يېتىپ كەلگەن سوغۇق ئېقىمنىڭ تەسىرىدە 12-نويابىر سەھەردە ئۈرۈمچىدە تۆۋەن تېمپىراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن بەش گرادۇسقا چۈشۈپ قالدى، مىڭدىن ئارتۇق چىرايلىق قىز ـ يىگىت جەنۇبىي ئاۋىئاتسىيە شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ 2013-يىللىق كۈزلۈك ئايروپىلان بىخەتەرلىك خادىمى ئېلىش سىنىقىغا قاتنىشىش ئۈچۈن سوغۇققا قارىماي، تەرەپ ـ تەرەپتىن ئۈرۈمچى ئايروپورتى مەدەنىيەت مەركىزىگە يېتىپ كەلدى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تەكلىپ قىلىنغۇچى شۇ كۈنى ئاساسلىقى چىرا – شەكلى، تەقى ـ تۇرقى، گەپ ـ سۆزى قاتارلىق جەھەتلەردىن دەسلەپكى قەدەمدە سىنىلىدىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن، تەكرار ئىمتىھان ئېلىش، فورمىلىق كېيىنىش، ساغلاملىق تەكشۈرۈش، يازما ئىمتىھان بېرىش قاتارلىق ھالقىلار بويىچە قاتمۇ ـ قات تاللاشتىن ئۆتكۈزۈلىدىكەن. بۇ جەريان مۆلچەرچە بىر ھەپتە داۋاملىشىدىكەن. بۇ قېتىمقى تەكلىپ قېلىشتا ئېنگلىزتىلى، ئوقۇش تارىخى، كۆرۈش قۇۋۋىتى جەھەتتىن تىزىملىنىش تەلىپىگە ئېتىبار بېرىلىدىكەن. ئىلگىرى ئۆزىنى شەرتكە توشمايدۇ دەپ ئۇھسىنىپ قالغان نۇرغۇن بالا تەكلىپ قىلىش پۇرسىتىە ئېرىشىپ قېلىش ئۈمىدىدە سىناققا قاتنىشىشقا كەلگەن.