8-نويابىر كەچ، ‹‹ لوپنۇر ساداسى›› مۇزىكا كېچىلىكى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ، لوپنۇر خەلق ناخشىسىنىڭ 2008-يىلى 2-تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىدە تاماشىبىنلار بىلەن يۈر كۆرۈشىشى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ قېتىمقى مۇزىكا كېچىلىكىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، مەدەنىيەت نازارىتى بىرلىكتە ئويۇشتۇرغان بولۇپ، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى، لوپنۇر ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان.
بۇ قېتىمقى كېچىلىككە 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتاي ۋەكىلى، ئاتاقلىق كومپوزىتور، دىرىژور، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك كومپوزىتور، جۇڭگو مۇزىكانتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ مۇزىكانتلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىنىڭ پەخرىي باشلىقى نۇسرەت ۋاجىدىن دىرىژورلۇق قىلدى. كېچىلىكتە، لوپنۇر ناھىيەسى توغراق ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ 28 نەپەر ئارتىسى بىلەن شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مۇزىكا ئۆمىكىنىڭ 70 دىن ئارتۇق ئارتىسىدىن تەشكىللەنگەن مۇزىكا ئۆمىكى ئۈچ بۆلەك بويىچە 14 ناخشىنى ئورۇنداپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.