9-نويابىر ئەتىگەن ، 8-نويابىر كەچتىن باشلاپ ياغقان قارنىڭ تەسىرىدە مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچى ئاپئاق قارغا پۈركەنگەن بولۇپ، گۈزەل قار مەنزىرىسى كىشىگە قىش پەسلىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرەتتى. شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 11-نويابىردىن ئىلگىرى، شىنجاڭ ئىلى دەريا ۋادىسى، شىمالىي شىنجاڭنىڭ بويلىغان تەڭرىتاغ ئەتراپلىرى، تەڭرىتېغىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، ئاقسۇنىڭ شىمالى، بايىنغولىننىڭ شىمالى قاتارلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا يەنىلا ئوتتۇراھال قار ياغىدىغان بولۇپ، قىسمەن رايونلاردا قاتتىق قار ياغىدىكەن.شىمالىي شىنجاڭ رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا 8 سىلسىيە گىرادۇستىن 10 سىلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدىكەن.