خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئولېمپىك مەشئىلى ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ مەڭگۈلۈك تېمىسى، ئۇ قەدىمكى ئولېمپىكنىڭ شان-شۆھرىتى بىلەن زامانىۋىي تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئارزۇسىنى باغلايدۇ. ئىلگىرىكى مەزگىللەردە مەشئەل پەقەت يۈگرەش بويىچە يەتكۈزۈلەتتى، بىراق 1952-يىلى ئوسلۇ قىشلىق ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا نورۋىگىيەلىكلەر مۇقەددەس ئوتنى قار تېيىلىپ يەتكۈزگەندىن كېيىن، ئولېمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈشتە يېڭىلىقلار توختىماي كۆرۈلۈشكە باشلىدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر