خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-نويابىر، جۇڭگو-ھىندىستان «قول تۇتۇشۇش-2013» تېررورلۇققا قارشى بىرلەشمە مەشققە قاتناشقان تارماق قىسىملار ئارىلاشما مەشىق قىلماقتا. بۇنىڭ ئىچىدىكى A روتا جۇڭگونىڭ ئىككى ۋزۋودى، ھىندىستاننىڭ بىر ۋزۋودىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، جۇڭگو تەرەپ ئوفېتسىرى روتا كوماندىرى بولدى، B روتا جۇڭگونىڭ بىر ۋزۋودى ۋە ھىندىستاننىڭ 2 ۋزۋودىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ھىندىستان تەرەپ ئوفېتسىرى روتا كوماندىرى بولدى. جۇڭگو-ھىندىستان ئىككى تەرەپتىن مەشققە قاتناشقۇچى تارماق قىسىملار ئارىلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئادەتتىكى پارتلىغۇچى بۇيۇملارنى ئاقتۇرۇش ۋە چۇۋۇش، يوشۇرۇن كۆزىتىش نۇقتىسى قۇرۇش، تىك ئۇچار ئايروپىلاندىن چۈشۈش قاتارلىق مەشقلەرنى ئېلىپ باردى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى