خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-نويابىر خاربىندىن بەرگەن خەۋىرى: 11-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ تۇڭجياڭ، فۇيۈەن، خاربىن قاتارلىق جايلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.
ئۇ شۇ جايدىكى كادىرلارغا مۇنۇلارنى ئالاھىدە تاپىلىدى: بۇ يەرنىڭ قىشى سوغۇق، ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن ℃40 سېلسىيە گرادۇسقا يېتىدۇ، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىنچىكە، چوڭقۇر ۋە جايىدا ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ئۆيلىرى بىخەتەرمۇ-ئەمەسمۇ، ئىسسىقلىق ساقلاش دەرىجىسى يېتەرلىكمۇ-ئەمەسمۇ دېگەنلەرنى تەكشۈرۈپ، بىرمۇ ئاممىنى سوغۇقتا قالدۇرماي، كۆپچىلىكنىڭ ئىسسىق ھەم بىخەتەر تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.
ئۇ مۇنداق دېدى: يېزا ئىسلاھاتى يەنە بىر يېڭى باسقۇچقا يېتىپ كەلدى، يېزا ئىگىلىكنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يەنىلا ئىساھاتقا تايىنىشىمىز كېرەك. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تىجارىتى تۈزۈلمىسىدە كۈچەپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئائىلىلەرگە ھۆددىگە بېرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ئاساسىدا، دېھقانلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، پاي ھەمكارلىقى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇۋاپىق كۆلەملىك تىجارەت ئۈستىدە پائال ئىزدىنىشىمىز لازىم. بۇنى باشلامچى قىلىش ئارقىلىق، يەر باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يانداش ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە پۇل مۇئامىلە ۋە سۇغۇرتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە تېخىمۇ ياخشى مەدەت بېرىشى ۋە مۇلازىمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز لازىم.
(مۇخبىر چېن ئېرخوۋ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)