باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو بىلەن ب د ت مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىقىدا يېڭى سەھىپە ئېچىلدى(2)

2013.11.07 17:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۇ يۆ مۇنداق دەپ قارىدى: بىر جۇڭگولۇقنىڭ يىغىننىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىشى جۇڭگونىڭ ئالاقىدار خەلقئارا سىياسەت ۋە بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈش جەھەتلەردە مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىدىن، جۇڭگونىڭ مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىغا يېڭى بوشلۇق ۋە يېڭى يول ئېچىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. خاۋ پىڭ يىغىننىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.

  2013-يىلى مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتى جۇڭگونىڭ قانۇنلۇق ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنىڭ 42 يىللىقى. دۇ يۆ مۇنداق دېدى: 42 يىلنى ئەسلىسەك، جۇڭگودا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى، جۇڭگونىڭ مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتىدا ئويناۋاتقان رولىمۇ بارغانسېرى زور بولدى. بۈگۈنكى كۈندە بىز چەتئەلنىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە ئۆزىمىزنىڭ تەرەققىيات ئىدىيىمىز ۋە تەجرىبىمىزدىن دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن تەڭ بەھىرلىنىۋاتىمىز ... خاۋ پىڭنىڭ مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىشى ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم مۇۋەپپەقىيىتى شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگونىڭ ئوينىغان رولىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئېتىراپ قىلىنىۋاتقانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرىدۇ.

  دۇ يۆ مۇنداق دەپ قارىدى: مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋېتىشىنىڭ مۇھىم گۇۋاھچىسى، مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىش جەريانىدا جۇڭگو مۇھىم نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. بىرىنچىدىن، جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىلغار ئىدىيىسىنى ئۆگۈنۈپ، ناھايىتى مۇھىم تەجرىبىلەرگە ئېرىشتى. ئىككىنچىدىن، جۇڭگو مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتىدەك مۇشۇنداق بىر چوڭ خەلقئارالىق ئائىلىدە ۋە سەھنىدە ئۆز مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ساداسىنى چىقىرىپ، خەلقئارادا كەڭ ئىنكاس قوزغىدى، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، سىرتتىكى تەسىرىنى يۇقىرى كۆتۈردى.

  دۇ يۆ كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئۆز خىزمىتىنى ياخشى قىلىپلا قالماستىن، يەنە مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتى ئارقىلىق دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مائارىپى ۋە پەن، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى تۆھپە قوشىدۇ. جۇڭگو مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتى ئارقىلىق ئافرىقىنىڭ مائارىپىغا ياردەم بېرىش ھاۋالە فوند قۇردى ھەمدە خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن بولغان ھەمكارلىق ئارقىلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىشنىڭ يېڭىچە قېلىپىنى ئېچىپ، ئۇلارنى جۇڭگو بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەجرىبىلىرىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بۇنداق قېلىپ بۇندىن كېيىن ئىلىم پەن ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلىنىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر