باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

سەئۇدى ئەرەبىستان ئامېرىكىدىن يۈز ئۆرۈگەن بىلەن كۆڭلى يەنىلا ئامېرىكا بىلەن بىللە(2)

2013.11.07 17:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كونكرېت ئېيتقاندا، 2011-يىلى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولغاندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئۆزىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كۈچلۈك ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، ئالاھىدە دىنىي ئورنى ۋە پۇختا تاشقى سىياسىتى بىلەن ئوتتۇرا شەرق سەھنىسىدە ئۆز ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى. سەئۇدى ئەرەبىستانى قولىدىكى نېفىت كوزىرىغا تايىنىپ، ئىقتىسادىي ياردەم ئۇسۇلى بىلەن مىسىرنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسەتتى ھەم پارس قولتۇقى ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى تەسىرىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈردى. مۇشۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانى يەنىلا ئامېرىكىنىڭ ياردىمىگە بەك تاياندى، بولۇپمۇ رايون چوڭ دۆلىتى ئىران بىلەن بولغان كۈچ سىنىشىشتا تېخىمۇ شۇنداق بولدى. سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىراندىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن ھەر يىلى ئامېرىكىدىن سېتىۋالىدىغان قورال-ياراقنىڭ قىممىتى نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانى 690 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپرەك تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ نۇرغۇنىنى ئامېرىكىدىن زايوم سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىدۇ. شۇڭا، ئەنگلىيە «ئەرەب ئېروسالىم گېزىتى» ئېيتقاندەك، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئامېرىكا بىلەن سىياسىي، بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى ئازايتىمىز دەپ تەھدىت سېلىشى قۇرۇق گەپ، چۈنكى بۈگۈنكى دۇنيادا ۋاشىنگتون بىلەن رىياد مۇناسىۋەتنى ئۈزگەندىن كېيىن پەيدا بولىدىغان بوشلۇقنى تولۇقلىيالايدىغان ئامېرىكىدەك دەرىجىدە تاشقىرى 2-بىر دۆلەت تېخى يوق. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ تاللىشى ناھايىتى چەكلىك، چۈنكى ئۇنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەھدىت مەسىلىسىنى ئۆزى ھەل قىلغۇدەك ئىقتىدارى يوق.ئامېرىكا گەرچە سلانېتس گازى ئىنقىلابى ئارقىلىق، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئېنېرگىيەسىگە بولغان تايىنىشىنى ئازايتقان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئامېرىكا ئىراننى جازالىغاندا پەيدا بولغان ئېنېرگىيە بوشلۇقىنى تولۇقلاپ، خەلقئارا خام نېفىت بازىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىشىغا موھتاج. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئامېرىكا شىركەتلىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە، بىخەتەرلىك، مائارىپ، داۋالاش، ئۇچۇر، بىناكارلىق قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە نەپ تېگىدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى قولىغا ئالغان. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جەھەتتە، ئامېرىكا كۈچلۈك ئاخبارات تورىغا ئىگە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ قوللىشىغا موھتاج.

  گەرچە سەئۇدى ئەرەبىستانى ئامېرىكىدىن يۈز ئۆرۈگەن بىلەن كۆڭلى يەنىلا ئامېرىكا بىلەن بىللە بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىگە تەسىر يەتكۈزدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مىسىر، ئىسرائىلىيە قاتارلىق باشقا كىچىك شېرىكلىرىدىمۇ يېقىنقى مەزگىلدە ئامېرىكىنىڭ يۈزىنى قىلماسلىق پوزىتىسىيەسى ئارقا-ئارقىدىن پەيدا بولدى. ئەگەر ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ كۆڭلى قېلىش خاھىشى تېخىمۇ كۈچەيسە، ئامېرىكىدىن ئىبارەت غايەت زور پاراخوت يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرا شەرقتىن ئىبارەت بۇ قاينامغا پېتىپ قالىدۇ. شۇڭا «ۋول كوچىسى گېزىتى»نىڭ «سۇيىقەست نەزەرىيەسىنى ئاساس قىلغان خام-خىيال ئامېرىكىنىڭ مۇھىم ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىنى ئاجىزلىتىدىغان ئاساس بولۇپ قالدى، دەۋردە زور ئۆزگىرىش بولدى، شۇڭا سىياسەتنىمۇ ماس ھالدا تەڭشەش زۆرۈر» دېگەن ئوبزورى ئامېرىكىنى چوڭقۇر ئويغا سالماي قالمايدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر