5-نويابىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى دۇبەي خەلقئارا سودا مەركىزىدە، «پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل» دەپ ئاتالغان ئەرەبلەرنىڭ تۇنجى دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقە ئاپتوموبىلى داڭلىق ماركىسىW Motors ئېلان قىلغان 2014-يىل نۇسخىسىدىكىLykanHypersport ئوقۇم ئاپتوموبىلى كۆرگەزمە قىلىندى. بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقە ئاپتوموبىلىدىن دۇنيا بويىچە پەقەت 7 لا ياسالغان بولۇپ، باھاسى 2.2 مىليون فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 21 مىليون 500مىڭ يۈەن)گە يېتىدۇ. ئۇنىڭ چىراغلىرى ئالماس بىلەن بېزەلگەن، ئورۇندۇقى ئالتۇن يىپ ۋە خۇرۇمدىن ئىشلەنگەن، سىرتقى كۆرۈنۈشى ئىنتايىن ھەشەمەتلىك بولۇپلا قالماي، ئىقتىدارىمۇ كارامەت ئىكەن. ئالتە سېلىندىرلىق قوش تۇربىنلىق بېسىم ئاشۇرغۇچ ماتور ئورنىتىلغانلىقتىن، سائەتلىك سۈرئىتىنى 0 كىلومېتىردىن 100 كېلومېتىرغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن پەقەت 2.8 سېكۇنتلا كېتىدۇ، ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك تېزلىكى 395 كىلومېتىرغا يېتىدۇ.
شۇ كۈنى،ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى دۇبەي خەلقئارا سودا مەركىزىدە، 2013-يىللىق دۇبەي خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى باشلاندى. ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ۋە داڭلىق ماركىلار ئەڭ تولۇق كۆرگەزمە بولۇش سۈپىتى بىلەن، 5 كۈنگە سوزۇلىدىغان دۇبەي ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى پۈتۈن دۇنيادىكى 150 نەچچە زاۋۇت-كارخانىنى جەلپ قىلدى.كۆرگەزمىگە 600 دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل قويۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە مەخسۇس بايلار ئىستېمال بازىرىغا قارىتىلغان نۇرغۇنلىغان دەرىجىدىن تاشقىرى ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللارمۇ بار. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى جېن فوتوسى)