«جۇڭگو ياشلار فىلامىنگو گىتار چېلىش باشلامچىسى» دەپ ئاتالغان قەھرىمان، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ مىللىي چالغۇلار كەسپىنى پۈتتۈرگەن، 1993-يىلى شىنجاڭدا تۇنجى تولغانما مۇزىكا ئەترىتىنى قۇرغان، 1998-يىلى بېيجىڭغا كېلىپ جۇڭگودىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر فىلامىنگو ئەترىتى «ئەپەندى»نى قۇردى. ئارقىدىنلا مەخسۇس پلاستىنكىسى «چىننۇرى» ۋە «كىروران قىزى»نى چىقاردى. بۇ مەخسۇس پلاستىنكىلار دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى كەسپىي زاتلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، بۇ مۇزىكا ئەترىتىدىكى ئاساسلىق چالغۇچى قەھرىمان بۇنىڭ بىلەن جۇڭگودىكى مۇنەۋۋەر گىتارچىلار قاتارىغا كىردى.