پاشا ئۆمەر ئىچكىرى ئۆلكىدىكىلەر ۋە شياڭگاڭلىقلار ئىنتايىن ھۆرمەتلەيدىغان ئۇسسۇلچىلارنىڭ بىرى، پاشا شىنجاڭدا تۇغۇلغان بولۇپ 1981-يىلى ئۇسسۇل سەھنىسىگە قەدەم بېسىپ، شىنجاڭ ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئاساسلىق ئارتىسى بولۇپ قالغان. 1989-يىلى نامى دۆلەت ئىچى ــ سىرتىغا تارالغان شەرق ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكى پاشانى ئۆمەككە قوبۇل قىلغان ۋە ئۆمەكنىڭ يالغۇز كىشىلىك ئۇسسۇلچىسى بولغان. ئۇ ئۆزىنىڭ قالتىس سەنئەت تالانتى بىلەن 1992-يىلى جۇڭگو مەدەنىيەت مىنىسترلىقىنىڭ دۆلەتلىك ئالىي مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
پاشا شياڭگاڭدا شياڭگالىق داڭلىق رېژسسور شۈ شياۋمىڭ رېژسسورلۇق قىلغان جۇڭگو ــ شياڭگاڭ بىرلىكتە مەبلەغ چىقارغان تۇنجى ھەرىكەتلىك فىلىم «دېڭىز شەھىرىدىكى ئېزىتقۇ»دا ئايال باش پىرسوناژنىڭ رولىنى ئېلىپ، داڭق چىقارغان. ئۇنىڭدىن باشقا پاشا يەنە نۇرغۇن تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ۋە كىنولاردا رول ئالغان، تېلېۋىزور ئېلانلىرىغا چىققان ۋە داڭلىق مودا كېيىم ژۇرنىلى «EVE»نىڭ ژرۇنال مۇقاۋىسىغا مودېل بولغان.