ئابدۇكېرەم داڭلىق يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىچى، ئۇسسۇلچى، كىنو ئارتىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەزاسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، باش سىياسىي شىتاب ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ دۆلەت بىرىنچى دەرىجىلىك ئارتىسى، رەسمىي ھەربىي دەرىجىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئۈچىنچى دەرىجىلىك مەمۇرىي خادىم، باش سىياسىي شىتاب ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكىدىكى ئۇيغۇر سەنئەتكار، ئۇزۇن مۇددەتلىك سەنئەت ھاياتىدا ئۇ نۇرغۇن مىللىيچە ناخشىلارنى ئىجاد قىلغان ۋە ئېيتقان. ئۇ ئۆزى ئىجاد قىلىپ ئېيتقان ناخشىلاردىن «قۇربان تاغا ، نەگە ماڭدىڭىز؟ »، «نەسىرىدىن ئەپەندى ناخشىسى»، «تارىم دەرياسى، يۇرتۇمدىكى دەريا»، «سۆيۈملۈك پارتىيەگە مەدھىيە» قاتارلىق ناخشىلىرى پۈتۈن ئارمىيە، مەملىكەت بويىچە كۆپ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 1998، 2008-يىلىدىكى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە قاتناشقان.