ئەسقەر سۇر بۆرە 90-يىللارنىڭ باشلىرىدىكى تۇنجى خەلق ناخشىلىرى ئۇسلۇبىدىكى مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ئاساسلىق ناخشىچىسى. ئەسقەر ئۇيغۇر مىللىي مۇزىكىلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا ھازىرقى دەۋردىكى نۇرغۇن مۇزىكا ئۇقۇملىرىنى سىڭدۈرگەن. ئۇنىڭ ناخشا مۇزىكىلىرى يېقىشلىق بولۇپ نۇرغۇنلىغان ياشلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا سازاۋەر بولغان، ئۇ ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئۆزىنىڭ مەخسۇس پلاستىنكىلىرىنى چىقىرىپ، شىنجاڭ ئىجادىي مۇزىكىلىرىنىڭ ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى ۋەكىلى بولۇپ قالغان.