كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا ـ ئۇسسۇلغا ماھىر مىللەت ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. بىراق، بۇ ناخشا ـ ئۇسۇلچىلار ئىچىدە شىنجاڭدىن چىقىپ مەملىكەت ئىچىدە داڭق قازانغان، شۇنداقلا خەلقئارا سەھنىلەردە ئويۇن قۇيۇپ، شەرەپ قۇچۇۋاتقان سەنئەتكارلار يەنىلا ناھايىتى ئاز ساننى ئىگىلەيدۇ. زوزى ھامۇت ئەنە شۇنداق سەنئەتكارلارنىڭ بىرى.
خىزمىتىنى بېيجىڭغا يۆتكەپ كەلگىنىگە 20 يىل بۇلاي دەپ قالغان روزى ھامۇت مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك ئارتىسى، جۇڭگو مۇزىكانتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي خەلق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسنىڭ تەكلىپلىك باھالىغۇچىسى، غەربىي جەنۇپ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ زىيارەتتىكى پروفېسسورى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ زىيارەتتىكى پروفېسسورى بولۇپ، 1995-يىلى 11-ئايدىن ھازىرغىچە مەركىزىي مىللەتلەر سەنئەت ئۆمىكىنىڭ يالغۇز كىشىلىك ناخشىچىسى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.
ئۇ ئېيتقان ئاساسلىق ناخشىلاردىن: «ئانارخان»، «ئاشۇ يىراق جايدا»، «سۆيۈملۈك بىر ئەتىرگۈل»، «سەپداشنى ئەسلەش» «خەير ـ خوش دابېيشەن»، «يوقلاش»، «ئۈچ ھارۋا»، «سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پرىستان كېچىسى ناملىق ناخشىسى»، «يۇلتۇز»، «قارماق تاشلاش ناخشىسى» (ياپون خەلق ناخشىسى) قاتارلىقلار بار.
2004-يىلى 10-ئايدا، روزى ھامۇت ئۆزىنىڭ «ئاشۇ يىراق جايدا» ناملىق خەلق ناخشىلىرى پالاستىنكىسىنى چىقارغان بولۇپ، بۇ پلاستىنكىدىكى ناخشىلار ئىنتايىن يېقىملىق، قۇيۇق غەربىي يۇرت پۇرىقى ۋە مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئاممىنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا ئېرىشكەن.
ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، روزى ھامۇت سەنئەت ئۆمىكىگە ئەگىشىپ نۇرغۇنلىغان چەت رايونلارغا بارغان. ھازىر ئۇنىڭ بىر ئارزۇسى بار بولۇپ، ۋاڭ لوبىڭ ئەپەندىدەك شىنجاڭ خەلق ناخشىلىرىنى قېزىپ ۋە رەتلەپ خەلق ناخشىلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش. ھەر قېتىم شىنجاڭغا قايتقاندا، ئۇ خەلق ناخشىلىرىنى يىغىشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. ھازىر ئۇ نەچچە ئون ناخشا يىغىپ بۇ ناخشىلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ باققان، ئامما بۇ ئىش خېلىلا مۈشكۈل ھەم ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىرادە ۋە ئېغىر ـ بېسىقلىقنى تەلەپ قىلىدىغان ئىش بولغاچقا، دەسلەپكى ئۆزگەرتكەنلىرىدىن ئۆزى رازى بولماي داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.