ھامۇت ئەھەدى، ئۇيغۇر، 1946-يىلى قۇمۇلدا زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1952-يىلى ئالتە يېشىدا دادىسى مەھمۇد ئەھەدى، ئاپىسى زەينەپخان ھوشۇر بىلەن شاڭخەيگە بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان.
ھامۇت ئەھەدى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى شاڭخەيدە ئوقۇغان. 1965-يىلى شاڭخەي مۇزىكا ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 1970-يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ نەنجىڭ ھەربىي رايونىنىڭ فرونت ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىدە ۋە بېيجىڭ تۆمۈر يول ئىدارىسى سەنئەت ئۆمىكىدە ناخشىچى، دىراما ئارتىسى بولغان.
1984-يىلى 12-ئايدا شاڭخەي شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىگە يۆتكىلىپ كېلىپ، ئۇسسۇل-مۇزىكا باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. بۇ مەزگىلدە شاڭخەي شەھىرىگە ۋاكالىتەن كۆپ قېتىم ئۆمەك تەشكىللەپ، مەملىكەت بويىچە چوڭ تىپتىكى ناخشا-ئۇسسۇل مۇسابىقىلىرىگە قاتناشقان. «شاڭخەيدا باھار» ناملىق كونسېرت كېچىلىكىنى ئۇدا بىر قانچە يىل تەشكىللىگەن، ھەمدە «1987-يىلى شاڭخەي خەلقئارا سەنئەت بايرىمى»نى تەشكىللەش ۋە لايىھەلەشكە قاتناشقان.
ھامۇت ئەھەدى 1988-يىلى شاڭخەي بالىت ئۆمىكىگە باشلىق بولغاندىن كېيىن، مىللىي بالېت تىياتىرى «ئاق چاچلىق قىز، كىلاسسىك بالېت تىياتىرى «ئاق قۇ كۆلى»، «دونكىخوت»، «گىسل» قاتارلىقلارنى سەھنىگە ئېلىپ چىققان ھەمدە بالېت ئۆمىكىنى باشلاپ، كانادا، يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولغان.
1993-يىلى 10-ئايدا ھامۇت ئەھەدى شاڭخەي شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىگە يۆتكىلىپ، ئۇسسۇل-مۇزىكا باشقارمىسىغا باشلىق بولغان. بۇ جەرياندا «شاڭخەي سەنئەت بايرىمى»، «شاڭخەي خەلقئارا سەنئەت بايرىمى»، «شاڭخەي ئۇسسۇل-مۇزىكا ئېيى»، «ھەپتە ئاخىرىدىكى خالىسانە مۇزىكا كېچىلىكى» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش ۋە لايىھەلەشكە قاتناشقان. «ئايدا»، «چۇغلۇق قىز»، « فائۇست» «سەرگەردان گوللاندىيەلىكلەر»، «رومىيو ۋە جۇلىتتا»، «كارمېن» قاتارلىق تىياتىرلارنىڭ شاڭخەي تىياتىر ئۆمىكى، شاڭىەي سىمفونىيە ئۆمىكى، ئىتالىيە فىلورېنسا تىياتىر ئۆمىكى، فىرانسىيەنىڭ مارسېل تىياتىر ئۆمىكى ۋە ئەنگىلىيەنىڭ خان جەمەتى تىياتىر ئۆمىكى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ھەمكارلىقىدا شاڭخەيدە ئوينىلىشىنى تەشكىللەش ۋە لايىھەلەشكە قاتناشقان.
ھامۇت ئەھەدى 2000-يىلى 7-ئايدا شاڭخەي بالېت ئۆمىكىگە قايتا يۆتكىلىپ، كەلگەندىن تا ھازىرغىچە ئۆمەك باشلىقى بولۇپ ئىشلمەكتە. («شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدىكى تەرجىمە ئۇچۇرىغا ئاساسەن رەتلەندى.)