ئادىلجان1967 - يىلى 21-ئاۋغۇست خوتەندە تۇغۇلغان، ھەربىي ئۇنىۋانى داشياۋ. ئىلگىرى جۇڭگو ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ توپنى كونترول قىلغۇچى ئارقا مۇداپىئەچىسى بولۇپ، جۇڭگو دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق كونتروللىغۇچىسى بولۇپ قالغان، ئۇنىڭ تەشكىللەپ ھۇجۇم قىلىش ۋە مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك، بولۇپمۇ توپنى ئېلىپ مېڭىش، يەتكۈزۈپ بېرىش تاكتىكىلىرى ئۆزگىرىشچان بولغانلىقتىن، «ۋاسكىتبول مەيدانىدىكى سېھرىگەر» ئاتالغان. 1983-يىلى ئادىلجان شىنجاڭدىن بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتىتىغا كېلىپ ئوقۇغان، 1984-يىلى 1-ئاۋغۇست ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ تېرىنېرى جوۋ چۇنلىن ئۇنىڭ تالانتىنى بايقىغان ۋە شۇ يىلى كوماندىغا ئالغان. 1986-يىلى 1-ئاۋغۇست ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىغا تاللانغان، 1989-يىلى دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنىپ، جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىدىكى تۇنجى شىنجاڭلىق دۆلەت ماھىرى بولۇپ قالغان. 2000-يىلى باھاردا كوماندىدىن رەسمىي چېكىنگەن ۋە 1-ئاۋغۇست راكېتا كوماندىسىنىڭ ياردەمچى تېرىنېرى بولغان. ئىككىنچى يىلى ئاساسلىق تېرىنېر ۋاڭ فېي كېسەل سەۋەبلىك خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن، ئادىلجان ھازىرغىچە 1-ئاۋغۇست كوماندىسىنىڭ ئاساسىي تېرىنېرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتىدۇ.