گىتار شاھى ئەركىن ئابدۇللا قەشقەر قاغىلىقتا تۇغۇلغان، كىچىكىدىن باشلاپلا گىتارنى ئۆزى ئۆگەنگەن. 1999-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، مۇزىكىنى بەكلا ياخشى كۆرگەنلىكتىن كەسپىي مۇزىكانت يولىغا قەدەم قويغان ۋە ئەركىن مۇزىكا ئەترىتىنى قۇرغان. مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ئۇسلۇبىدا فىلامىنگونى ئاساسىي لىنىيە قىلغان، لاتىن، يېزا ـ قىشلاق، جاز مۇزىكىلىرىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن بولۇپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مۇزىكا ئۇسلۇبىنى يارىتىپ كىشىلەرنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا ئېرىشكەن، مۇزىكىلىرى ئىنتايىن زامانىۋى ۋە خەلقئارالاشقان بولۇپ، ئەنئەنىۋى ئۇقۇمدىكى شىنجاڭ مۇزىكلىرىدىن تامامەن پەرقلىنىدىغان بولغاچقا، روشەن دۇنياۋى مۇزىكا ئالاھىدىلىكىنى ياراتقان. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرى سەن نەدە، بالاڭزا، سەن مېنىڭ ھاياتىمدا ئىنتايىن مۇھىم، مېنىڭ يايرىم قەيەردە قاتارلىقلار.