خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، خۇنەن چاڭشا ناھىيەسى شىڭشا مەدەنىيەت مەيدانىدىكى بىر قانچە جايدىكى ئەۋرەز تۇۋىقى ئۈستىگە كارتون ئوبرازلىق، داڭلىق مەنزىرىلىك رەسىملەر سىزىلغان. ئىگىلىنىشىچە، ئەۋرەز تۇۋىقىدىكى رەسىملەرنى چاڭشا ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى بىر تۇتاش لايىھەلەپ سىزدۇرغان بولۇپ، ئاھالىنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىغا دائىر سەنئەت كەيپىياتى يارىتىش ئۈچۈن، ئەۋرەز يولى، ئېلېكتىر، ئالاقە، تەبئىي گاز قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ قىسمەن تۇۋاقلىرى ئۈستىگە رەسىم سىزىلغان.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر