ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» 1-نويابىر 1-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستاندىكى بىر ئائىلە كىشىلىرى دۇنيادا ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان «بۆرە ئادەم گېنى يىغىندى كېسەللىكى» سەۋەبىدىن پۇتۈن بەدىنىنى تۈك بېسىپ كەتكەن بۇنىڭ بىلەن ئۇ بۆرە ئادەم ئائىلىسى دەپ ئاتالغان. يېقىندا بۇ ئائىلىگە يەنە بىر تۈكلۈك بالا قوشۇلغان.
بۇ يىل 26 ياشقا كىرگەن ساۋىتا رائۇت ھىندىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ماداۋوناجار كەنتىدە ئولتۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان «بۆرە ئادەم گېنى يىغىندى كېسەللىكى» سەۋەبىدىن ھەممىسىنىڭ بەدىنىنى تۈك قاپلاپ كەتكەن. ھەتتا تۇغۇلغىنىغا 22 كۈن بولغان قىزىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە، ئۇنىڭ ئۈستى بېشىنى قاپقارا چاچلار قاپلىغان. گەرچە ساۋىتا قىزىنىڭ كەلگۈسىدىن ئەنسىرىسىمۇ بۇ خۇدانىڭ ئىرادىسى دەپ قارىغانلىقتىن قىزىنىڭ سىرتقى قىياپىتى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئانا بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ بالىسىنى سۆيىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.