باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

يانفوننى توغرا ئىشلىتەيلى(1)

2013.11.04 18:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1973-يىلى 4-ئايدا ئامېرىكا موتورولا شىركىتى دۇنيادىكى تۇنجى كۆچمە تېلېفوننى ياساپ چىقتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى مىسلىسىز قولايلاشتى، كىشىلەر ئۆيدە، يولدا، خىزمەتتە، ماشىنىدا... ئىشقىلىپ خالىغان يېرىدە باشقىلار بىلەن سۆزلىشەلەيدىغان بولدى. 40 يىللىق تەرەققىيات نەتىجىسىدە، يانفوننىڭ ئىقتىدارى كىشىلەرنىڭ ئەينى چاغدا پەرەز قىلالىغىنىدىنمۇ بەكرەك ئېشىپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەربىر ساھەسىگە سىڭىپ كىرىپ، كىشىلەرنىڭ ئايرىلماس ھەمراھىغا ئايلاندى. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كەچتە ئۇخلاش ئالدىدا قىلىدىغان ئاخىرقى ئىشى تېلېفونغا قاراش، سەھەردە ئويغانغاندا ئېچىشىۋاتقان كۆزلىرىنى قىيا ئېچىپ، يەنە تېلېفونغا قاراش بولۇپ قالدى.

  ئەقلىيفونلارنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى يېڭى بىر تەرەققىيات پەللىسىگە كۆتۈردى. ئەسلىدىكى مۇقىم تېلېفونلار، كۆچمە تېلېفونلارنىڭ قىسقا ئۇچۇر مۇلازىمىتى قارىماققا دەۋردىن قېلىشقا قاراپ يۈزلەندى. بىراق بىز تېلېفونلارنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان ۋاقتىمىزدا، ئەمەلىيەتتە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقىنى دەل كۆچمە تېلېفونلارنىڭ قوشۇمچە ئىقتىدارى بولۇپ، تېلېفوننىڭ ئەسلى ئىقتىدارى بولغان سۆزلىشىش ئىقتىدارىدا ئۆزگىرىش بولمىدى. كىشىلەرنىڭ يانفونغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىمۇ ئەمەلىيەتتە يانفون قوشۇمچە ئىقتىدارىغا بولغان ئېشىش بولۇپ، بۇ خىل ئېشىش ھەتتا مەلۇم دەرىجىدە يانفوننىڭ ئەسلىدىكى، تۈپ ئىقتىدارىغا بولغان ئېھتىياجنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە كەلدى. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، كىشىلەر نۇرغۇن ۋاقىتتا تېلېفوننى سۆزلىشىشكە ئەمەس بەلكى باشقا كۆڭۈل ئېچىش، ئىجتىمائىي ئالاقە قاتارلىق تەرەپلەرگە ئىشلىتىدىغان بولدى، تېلېفوننىڭ توكى ۋە تور ئېقىمى ئاساسەن ئىجتىمائىي ئالاقە قىلىشقىلا ئىشلىتىلىدىغان بولدى. نۇرغۇن كىشىلەر بىۋاستە تېلېفوندا سۆزلىشىشكە قارىغاندا قىسقا ئۇچۇر، ئىجتىمائىي ئالاقە تورى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىدىغان بولدى. بۇ خىل ئۆزگىرىش قارىماققا ئىقتىساد جەھەتتىن تېخىمۇ تېجەشلىك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىمۇ كۆپ تەرەپلىك بولدى.

  يانفوننىڭ كىشىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى ئەڭ ئالدى بىلەن سالامەتلىككە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى بولۇپ، يانفوننىڭ رادىئاتسىيەسى ئىنتايىن يۇقىرى، ئەلۋەتتە سۈپىتى ناچار يانفوننىڭ رادىئاتسىيەسى ئادەتتىكى يانفونلارنىڭكىدىن خېلىلا يۇقىرى. سىگنال ناچار ۋاقىتتا يانفون ئارىجرىتىپ چىقىرىدىغان رادىئاتسىيە سىگنال ياخشى ۋاقىتتىكىدىن كۆپ يۇقىرى بولىدۇ. ئۇزاق مەزگىل يانفوندا سۆزلىشىدىغان كىشىلەرنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش نىسبىتى نورمال سۆزلىشىدىغان ياكى يانفون ئىشلەتمەيدىغانلارنىڭكىدىن خېلىلا يۇقىرى بولىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر كەچتە ئۇخلىغاندا يانفوننى بېشىنىڭ يېنىغا قويۇپ ئۇخلاشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭ مېڭىگە بولغان تەسىرى مۆلچەرلىگۈسىز بولىدۇ.

  يەنە بىر تەرەپتىن، كۆزگە بولغان زىيىنىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى. ھازىر ياشلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا تايىنىشى ئىنتايىن ئومۇملاشقان بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بىر كۈنلۈك ۋاقتى ئىچىدە يانفونغا قارايدىغان ۋاقتى خېلىلا كۆپ سالماقنى ئېگىلەيدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر