خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 29-ئۆكتەبىر رۇسىيە سانكت پېتېربۇرگ شەھىرى نېۋا دەرياسىدا كېتىۋاتقان بىر كېمە. ياۋروپانى ئۇدا پاراكەندە قىلىۋاتقان كۈچلۈك بوران 29-چېسلا رۇسىيەنىڭ غەربىي شىمال فىدراتسىيە رايونىغا يېتىپ كەلدى، بوراننىڭ تەسىرىدە يەرلىكتىكى نەچچە يۈزلىگەن ئاھالىنىڭ توكلىرى ئۆچۈپ قالدى. كۈچلۈك بوران سانكت پېتېربۇرگقا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ئاجىزلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تەسىرىدىن دېڭىز سۈيى تاشتى، ئۇنىڭغا قوشۇلغان يامغۇردا شەھەر ئىچىدىكى نېۋا دەرياسىنىڭ سۇ ئورنى بىر مېتىردەك ئېگىزلىدى.