باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

لوپنۇردا بولدى توغراق بايرىمى، جاھانغا تونۇلدى لوپنۇر ئادىمى(8)

2013.10.29 17:17   مەنبە: خەلق تورى

ساياھەتچىلەر توغراقلىقلارنى ساياھەت قىلماقتا.
ساياھەتچىلەر توغراقلىقلارنى ساياھەت قىلماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجا ئەھمەد ئىدرىسى فوتوسى، خەۋىرى: ھەممە ئەتراپ ئالتۇن رەڭگە ئورالغان ئالتۇن كۈزدە، 26 – ئۆكتەبىر لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ «لوپنۇرلۇقلار كەنتى» دە لوپنۇر ئادىمىنىڭ توغراق نەزىر – چىراق كاتتا يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى، تۇغۇلۇشىدىن ۋاپات بولغۇچە بولغان بۇ دۇنيالىقىدا بۇ ماكاندا توغراقنى توتېم قىلىپ، توغراقتىن قېيىق ياساپ بېلىقچىلىق قىلىپ، توغراقلىقتا چارۋىچىلىق بىلەن ياشاپ كەلگەن لوپنۇرلۇقلارنىڭ توغراققا بولغان مۇھەببىتى كۈچلۈك بولۇپ، كاتتا يىغىلىش باشلىنىشى بىلەن تۇنجى بولۇپ قەدىمىي لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ھامۇدىن بارات باشچىلىقىدىكى كوللېكتىپ ياغاچ ئارا، قوشقار بېشى، قۇش پەيلىرى، بېلىقلارنى ئېلىپ سەھنىگە كىردى ۋە قەدىمىي لوپنۇرلۇقلارنىڭ توتېمى ئالدىدا ئۇسسۇل ئويناپ، يۈكىنىپ توغراققا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى بىلدۈردى.

  پائالىيەتتىن كېيىن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بۇ ماكانغا ئۆز قولى بىلەن توغراق تىكىپ، توغراقلىقلارنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشىگە بولغان ئارزۇ – ئارمانلىرىنى ئىپادىلىدى، مۇتەخەسىسلەر يەنە ھەر يىلى 26 – ئۆكتەبىرنى «دۇنيا توغراقلىقنى قوغداش كۈنى» قىلىپ بېكىتىش تەكلىبىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  لوپنۇردا 518 مىڭ 244 مو ئورمانلىق بولۇپ، بۇنىڭ كۆپ قىسمىنى توغراقلىق ئىگىلەيدۇ. تارىختىن بۇيان توغراق مەدەنىيىتى بۇ ماكاندا بارلىققا كېلىپ، تەرەققىي قىلىپ، بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ، ئۆزگىچە لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن، توغراق مەدەنىيىتى لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىدىكى مۇھىم كوزېر بولۇپ قالغان. ئىگىلىشىمچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 10 ئېيىدا لوپنۇر ناھىيەسى 362 مىڭ 208 ساياھەتچى (قېتىم) كۈتىۋالغان بولۇپ، 32 مىليون 944 مىڭ يۈەن ساياھەت كىرىمى ياراتقان، بۇ بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئايرىم – ئايرىم ھالدا %13.8 ۋە %33 ئاشقان.

  بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر

  

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 【12】 【13】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

 ئاڭلىغانمۇسىز

  •  تەۋسىيە

    ·«ئون مىڭ كىشىلىك پىلان»غا كىرگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىختىساسلىقلار ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى
    ·دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلارنى تەكشۈرۈش خىزمىتى تولۇق ئاياغلاشتى
    ·دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار مىليوندىن ئېشىپ كەتتى، ئەڭ ئالقىشقا سازاۋەر خىزمەت ئورنىغ…
    ·ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى قاتارلىق تۆت تارماق 24 –ئۆكتەبىر قورامىغا يەتمىگەنلەرگە جىنسىي دەخلى-تەرۇز…
    ·جۇڭگو-ئامېرىكا ساقچىلىرى كۆپ دۆلەت بىلەن بىرلىكتە بالىلار سېرىق تور بېكەتلىرىنى بىتچىت قىلدى
    ·بېيجىڭدا تولۇق ئوتتورا  مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈلدى
    ·مائارىپ مىنستىرىنىڭ ھەسىرىتى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟(1)
    ·2014-يىللىق دۆلەت مەمۇرلىرى ئىمتىھانى تورىنىڭ تورداشلىرى ئىتتىك ياكى كاسات ئورۇنلار ۋە ۋەزىپىلەرگە …
    ·جۇڭگونىڭ تېخنىكا مۇكاپاتى تۈرىدە ئالىي مەكتەپنىڭ ئىگەللەش نىسبىتى يۇقىرى بولدى
    ·بالىلاردىكى بەتخەجلىكنىڭ سەۋەبچىسى كىم؟