تۈركچە چېلىشىش تۈركىيەدىكى ئەنئەنىۋى مىللىي تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ بىرى، ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدۇ. بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ماھىرلار خۇرۇم ئىشتان كىيىدۇ، بەدىنىنىڭ ئۈستى قىسمىغا ھېچنىمە كىيمەيدۇ، ئاياغ كىيمەيدۇ، پۈتۈن بەدىنىگە ھەتتاكى كىيىۋالغان خۇرۇم ئىشتىنىغۇ زەيتۇن يېغى سۈرتىۋالىدۇ، بۇ خىل چېلىشىش تۈرى مانا مۇشۇ ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن نام چىقارغان بولۇپ يەنە «مايلىق چېلىشىش» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھەر يىلى مۇسابىقە مەزگىلىدە نەچچە مىڭلىغان تۈركىيەلىك شۇنداقلا ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن چېلىشىش مەستانىلىرى بۇ يەرگە يىغىلىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ ياكى مۇسابىقە كۆرىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، «مايلىق چېلىشىش» مۇسابىقىسى تۈركىيەدە 650 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قەدىمىي تەنھەرىكەت ساھەسىدىكى زور ۋەقەلەرنىڭ كەينىدىنلا تۇرىدىغان قەدىمىي تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى. ئولىمپىك تەنھەرىكەت تۈرىگە ئوخشىمايدىغىنى، «مايلىق چېلىشىش» مۇسابىقىسىنىڭ قائىدىسى بەكلا ئاددىي، مۇسابىقە چۈشكەن ماھىرلار پەقەت رەقىبىنى يىقىتىپ، ئىككى پۇتىنى يەردىن ئايرىسا ياكى رەقىبىنى كۆتۈرۈپ ئۈچ قەدەم ماڭسىلا ئۇتقان بولىدۇ. ئەمما ماھىرلار بەدىنىگە زەيتۇن يېغى سۈرتىۋالغانلىقتىن مۇسابىقىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدۇ. بولۇپمۇ قارشى تەرەپنىڭ دۈمبە قىسمىدىن بېسىپ تۇرۇپ نەتىجە قازىنىش تولىمۇ قىيىن. ھەريىلى بۇ مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈشكە ئاز دېگەندىمۇ ئىككى توننا زەيتۇن يېغى كېتىدۇ (ھەركۈنى 300 سوغا ياغ سەرپ قىلىنىدۇ).
كۈنىمىزدە، بۇ مۇسابىقە تۈركىيەلىكلەرنىڭ بايرام كۈنى بولۇپ قالدى، ھەر يىل مىڭدىن ئارتۇق تەنھەرىكەتچى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان بولۇپ بەزىدە كىچىك بالىلارنىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدۇ. تۈركىيەلىكلەرنىڭ قارىشىچە، مۇسابىقە جەريانىدا نەتىجە قازىنىشتىن كۆرە، مۇسابىقە مەيدانىدىكى قائىدە-يوسۇن ۋە ماھىرلار ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا ھۆرمەت تېخىمۇ مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.