- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شەندۇڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى بو شىلەيگە 2-سوتتا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى (3)
2013.10.25 17:32 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
 |
ماتېرىيال سۈرەت: بو شىلەي 9-ئاينىڭ 22-كۈنى 1-سوتتا |
ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ، بو شىلەي نارازىلىق ئەرزى سۇنغان ، شەندۇڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە دېلو تۇرغۇزۇپ نارازىلىق ئەرزنى قوبۇل قىلغان ھەمدە كېڭەشمە سوت تەشكىللەپ سوتقا قاراپ چىققان . كېڭەشمە سوت دېلودىكى بارلىق ئارخىپ ، ماتېرىياللارنى ۋە 1-سوتتىكى سىن ماتېرىياللىرىنى كۆرۈپ چىققان ، بو شىلەينىڭ نارازىلىق خېتى ۋە ئاقلىغۇچىنىڭ ئاقلاش پىكرىگە قاراپ چىقىلغان ، بو شىلەينى كۆپ قېتىم سوئال-سوراق قىلىپ ، ئاقلىغۇچىلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلىغان ، بارلىق دېلو پاكىتلىرىنى تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرگەن . 1-سوتتا بېكىتىلگەن پاكىتلار ۋە ئىشلىتىلگەن قانۇنلارغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىپ ، بو شىلەي ۋە ئاقلىغۇچىنىڭ دەۋالىشىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىنغان . كېڭەشمە سوتنىڭ مۇھاكىمە قىلىشى ، سوت ھەيئىتىنىڭ مۇنازىرە قىلىشى ئارقىلىق ، شەندۇڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە 2-سوت ھۆكۈمىنى چىقىپ ، 1-سوت ھۆكۈمىنى ساقلاپ قالغان .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر