باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شەندۇڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى بو شىلەيگە 2-سوتتا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى (2)

2013.10.25 17:32         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى ، جىنەن ، 25-ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى : 25-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ، شەندۇڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى بو شىلەينىڭ پارىخورلۇق ، خىيانەتچىلىك ، خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىغان پايدىلىنىش دېلوسىغا 2-سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ ، 1-سوتتا بېرىلگەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىنى ساقلاپ قالدى .

  بو شىلەينىڭ پارىخورلۇق ، خىيانەتچىلىك ، خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىغان پايدىلىنىش دېلوسىغا جىنەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى 1-سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ ، بو شىلەينى 20 مىليون 440 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى پارا ئالغان ، بەش مىليون يۈەن خەلق پۇلىغا خىيانەت قىلغان ، خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلانغان ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر دەپ قاراپ ، بو شىلەينىڭ پارىخورلۇق جىنايىتىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىپ ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلغان ھەمدە شەخسىي مال-مۈلكىنىڭ ھەممىسىنى مۇسادىرە قىلغانىدى ؛ خىيانەتچىلىك قىلىش جىنايىتىگە مۇددەتلىك 15 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن ھەمدە شەخسىي مال-مۈلكىدىن بىر مىليون يۈەن خەلق پۇلىنى مۇسادىرە قىلغانىدى ؛ خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش جىنايىتىگە مۇددەتلىك يەتتە يىللىق قاماق جازاسى بەرگەنىدى . بىر نەچچە خىل جىنايىتىنى قوشۇپ جازالاپ ، مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىپ ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىشنى ھەمدە شەخسىي مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىشنى قارار قىلغانىدى .
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 بو شىلەي 

ئالاقىدار خەۋەرلەر