خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كۇچا ناھىيەسى 21-ئۆكتەبىردىن 24-ئۆكتەبىرگىچە ناھىيە بازىرىدىكى10مىڭدىن ئارتۇق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئورگىنىدىكى سۇ بېشى قەدىمىي شەھىرى، قىزىل قاغا تۇرى كۆرگەزمە زالىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ شىنجاڭنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈردى. (تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز: كۇچا ناھىيەلىك پارتىكۇم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدىن نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى)
سۆرەتتە: 24- ئۆكتەبىر ناھىيەلىك 2- باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە لىن جىلۇ ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سۇ بېشى قەدىمىي شەھىرى، قىزىل قاغا تۇرى كۆرگەزمە زالىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلماقتا.
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى