- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ھىندىستان، روسىيە، موڭغۇلىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەت زۇڭلىسى بۈگۈن جۇڭگونى زىيارەت قىلىدۇ(1)
2013.10.22 16:24 مەنبە: خەلق تورى
|
ھىندىستان زۇڭلىسى مانموخان سىنىگ |
شىنجىڭ گېزىتى 21-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ھىندىستان زۇڭلىسى مانموخان سىنىگ، روسىيە زۇڭلىسى مىدۋىدېف ۋە موڭغۇلىيە زۇڭلىسى نوروۋىن ئالتانخۇياگ بىر كۈندە جۇڭگونى زىيارەت قىلىشقا باشلايدۇ، زىيارەت ۋاقتى 10-ئاينىڭ 22-كۈنىگە بېكىتىلدى.
نېمە ئۈچۈن 3 دۆلەت زۇڭلىسى بىر ۋاقىتتا جۇڭگونى زىيارەت قىلىدۇ؟ بۇنىڭغا، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جىن سەنرۇڭ شىنجىڭ گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، مۇنداق دېدى: جۇڭگو رەھبىرى زىيارەتكە چىقىپ ئەمدىلا قايتىپ كەلدى، بۇ قېتىمقى 3 دۆلەت زۇڭلىسىنىڭ بىر ۋاقىتتا جۇڭگونى زىيارەت قىلىشى كۈنتەرتىپنىڭ تەڭشەلگەنلىكدىن بولسا كېرەك، بۇ تېخنىكىلىك ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى.(مۇخبىر چۇ شىنيەن، گاۋ مېي خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر