خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىغانلىقتىن تالىباننىڭ قوراللىق ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچرىغان پاكىستانلىق قىزچاق مالالا يۈسۈف زايى 19-ئۆكتەبىر ئەنگىلىيەنىڭ شوتلاندىيەدىكى ئېدىنبۇرگ ئۇنىۋېرستېتىدا ئەنگىلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى براۋن تەشەببۇس قىلغان يەرشارى پۇقرالىرى كومىتېتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئاشكارا يىغىنىغا قاتنىشىپ، كىشىلەرنى ئىتتىپاقلىشىپ، ئاياللارنىڭ تەربىيەلىنىش ھوقۇقىنى قوغداش يولىدا بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى تەشەببۇس قىلدى. شۇ كۈنى يەنە مالالاغا ئېدىنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرىي ماگىستېرلىق ئۇنۋانى بېرىلدى. ئەنگىلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى براۋن، ۋە ئېدىنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى ئوشېي ئەنگىلىيە ئېدىنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىدا پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى