خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-ئۆكتەبىر سۇرىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا قويۇلغان سىندىن كېسىۋېلىنغان بۇ سۈرەتتە، سۇرىيەدىكى خېمىيەلىك قوراللارنى يوقىتىشقا مەسئۇل مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ تەكشۈرگۈچى خادىملىرى سۇرىيەدىكى بىر ئاشكارىلانمىغان جايدا ئىشلەۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. سۇرىيە چېگراسى ئىچىدە خېمىيەلىك قوراللارنى يوقىتىش خىزمىتىگە مەسئۇل مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىسى 18-ئۆكتەبىر بۇ گۇرۇپپىنىڭ مۇناسىۋەتلىك 14 جاينى تەكشۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر