باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ياپونىيە باش ۋەزىرىنىڭ ئىنىسى ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلدى (2)

2013.10.21 15:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا دۆلەتلىرى ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى پۇساكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ياپونىيەنى دوستانە ئۇسۇلدا ئۆزىنىڭ قوشنىلىرى بىلەن تارىخىي مەسىلىلەرنى بىرلىكتە ھەل قىلىش، جۈملىدىن سۆزلىشىشكە ئۈندەپ كەلدى دېدى.

  ئابى شېنزو 19-ئۆكتەبىر ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلالمىغانلىقىمدىن ناھايىتى ئۆكۈنىمەن دېدى. كيودو ئاگېنتلىقى ئابى شېنزونىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، مەن ئىلگىرى باش ۋەزىر بولغان مەزگىلىمدە ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلىشقا بارالمايدىغانلىقىمدىن ناھايىتى ئۆكۈنىمەن، مەن ھازىر يەنىلا مۇشۇنداق ھېسسىياتتا دېدى. ئۇ 17-ئۆكتەبىر ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىغا نەزىر بۇيۇمى قويدى، ئەمما تاۋاپ قىلمىدى. ئۇ 18-ئۆكتەبىر ئۆتكەن ھەر نۆۋەتلىك كابېنتنىڭ تارىخىي تونۇشىغا ۋارىسلىق قىلىمەن دېدى. ئابى شېنزو شۇ كۈنى ئادالەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ باشلىقى ياماگۇچىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، بۇرۇن ياپونىيە نۇرغۇن دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە نۇرغۇن زىيان ۋە ئازاب ئېلىپ كەلگەن. بۇنىڭغا قارىتا كابېنتنىڭ بۇرۇنقى كابېنتلار بىلەن بولغان تونۇشى ئوخشاش دېدى.

  ئابى شېنزو بۇرۇن كۆپ قېتىم دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى قۇرۇش، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، قوغدىنىش قىسمىنىڭ كوللېكتىپ قوغداش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە رۇخسەت قىلىشنى ئېيتقان ئىدى. تارىخ مەسىلىسىدە، ئۇ تارىخ ئۈستىدە قايتا ئويلىنىدىغان مۇراياما سۆھبىتىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئويىنىڭ بارلىقى ھەققىدە داۋراڭ سالغان ئىدى.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ياپونىيە تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گاۋ خوڭ زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ئابى شېنزونىڭ ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىغا تاۋاپقا بارماستىن، نەزىر بۇيۇمى سوۋغا قىلىشى ئۇنىڭ ئەسلى مەقسىتى ئەمەس. چۈنكى ئۇ ياپونىيە ئوڭ قانات گۇرۇھىغا ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىغا ئۆزى بېرىپ تاۋاپ قىلىش ئويىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان، پەقەت جۇڭگو بىلەن كورىيەنىڭ دىپلوماتىيە بېسىمى ئارقىسىدىلا تاۋاپ قىلماي، نەزىر بۇيۇمى بەرگەن دېدى.

  گاۋ خوڭ مەن ئىگىلىگەن ئەھۋالدىن قارىغاندا، جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بۇرۇن ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە قاتتىق سىگنال بېرىپ، ئابى شېنزونىڭ ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىغا بېرىپ تاۋاپ قىلىشىغا ئوچۇق قارشى تۇرغان. كورىيە پىرېزىدېنتى پاك گۈنھى بىلەن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمۇ ياپونىيەنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاگاھلاندۇرغان. ئابى شېنزو بۇ يىل ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدا جۇڭگو بىلەن كورىيەنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچراپ، دىپلوماتىيەدە يېتىم قالغان. بۇندىن باشقا، ياپونىيەنىڭ ئىتتىپاقدىشى ئامېرىكىمۇ ياپونىيە بىلەن جۇڭگو، كورىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلمايدۇ دېدى.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى چېگرا رايون تارىخى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى گوچياڭ مۇخبىرغا ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلىش-بىر سەزگۈر مەسىلە، بۇ-ياپونىيەنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەسىلىسىدە قايتا ئويلىنىش-ئويلانماسلىقىدىكى بىر بەلگە. ئابى شېنزونىڭ ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلماي، نەزىر بۇيۇمى بېرىشى پەقەت ئۇنىڭ گەپ-سۆزدىن سەل ئۆزىنى تارتىپ، جۇڭگو بىلەن كورىيەگە يارىشىشنى ئۆتۈنۈش سىگنالى بەرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ دېدى.

  لى گوچياڭ گەرچە ئابى شېنزو ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىغا بېرىپ تاۋاپ قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن نەزىر بۇيۇمى بېرىش ئىشى-جۇڭگو-ياپونىيە، جۇڭگو-كورىيە مۇناسىۋىتىگە چوقۇم تەسىر كۆرسىتىدۇ. ياپونىيە جەمئىيىتى 2-دۇنيا ئۇرۇشى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلانمىدى، ئابى شېنزونىڭ قىلمىشى-ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان دۆلەتلەرنىڭ ھېسسىياتىغا پىسەنت قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ دېدى.

  گاۋ خوڭ ئابى شېنزوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ قېتىم ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلىشقا بارماسلىق نۆۋەتتە ياپونىيە سىياسىي مۇنبىرىنى ئىگىلەپ تۇرۇۋاتقان ئوڭ قانات كۈچلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماي قالمايدۇ. ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ كېڭەش پالاتاسى بۇ يىل 7-ئايدا ئۆتكۈزگەن سايلامدىكى غەلىبىسى-ئابى شېنزونىڭ نۆۋەتتە ئىچكى ئىشلاردىكى ئىپادىسىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، ھاكىمىيىتىنىڭ مۇقىملىقى، ئىقتىسادتا ئىلگىرىلىگەنلىكى، ئاممىنىڭ قوللاش ساداسىنىڭ يۇقىرىلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ دېدى.

  لى گوچياڭ ئابى شېنزونىڭ بۇ قېتىمقى ھەرىكىتى-ئۇنىڭ شەخسىي سىياسىي ئىپادىسىگە نىسبەتەن ھېچ بولمىغاندا ئۇنى ياپونىيە ئىچىدە قوللاشتىن مەھرۇم قىلمايدۇ، ئەگەر ئابى شېنزو بۇ قېتىم ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلمىغاننىڭ ئۈستىگە نەزىر بۇيۇمى بەرمىگەن بولسا، قوللاشتىن مەھرۇم قالغان بولاتتى. ئابى شېنزونىڭ ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلماسلىقى-جۇڭگو-ياپونىيە، كورىيە-ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي مۇناسىۋەتنى يەنىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىشتىن ساقلاپ قالدى، نەزىر بۇيۇمى بېرىش ئوڭ قانات كۈچلەرنىڭ تەلىپىنى قاندۇردى دەپ قارىدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر