خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھىندىستان ساقچى تەرەپنىڭ 19-چېسلا دېيىشىچە، ئۇتتارپرادېشتا 18-چېسلا كەچ قانۇنسىز ئىشلەنگەن ناچار ھاراقتىن كوللېكتىپ زەھەرلىنىش ۋەقەسىدە 42 ئادەم ئۆلگەن، نەچچە ئونلىغان ئادەم زەھەرلەنگەن. ساقچى تەرەپنىڭ دېيىشىچە، ھادىسە ئۇتتارپرادېش ئازامغار رايونىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، نۇرغۇنلىغان نامرات ئىشلەمچىلەر ئەرزان باھالىق بۇ ناچار ھاراقنى شۇ يەردىكى ھاراقپۇرۇشلاردىن سېتىۋالغان. بۇ ناچار ھاراقنىڭ ئىسپىرت مىقدارى 90 گرادۇستىن يۇقىرى ئىكەن.