خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-ئۆكتەبىر، شىنجاڭ بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدە تۆگە بەيگىسى ئۆتكۈزۈلدى، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ يېزا ـ بازارلىرىدىن كەلگەن 1100دىن كۆپرەك تۆگە بەيگىگە چۈشتى. مىڭدىن ئارتۇق تۆگە پايانسىز يايلاقتا شىددەت بىلەن چېپىشىپ، ئەتراپنى چاڭ ـ توزان قاپلىدى. شۇ كۈنى، ئىككىنچى نۆۋەتلىك جۇڭگو تۆگە بەيگىسى بۇرۇلتوقايدا ئۆتكۈزۈلگەنىدى. (ليۇ شىن فوتوسى)