خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ يەر ۋاقتى 2013-يىلى 17-ئۆكتەبىر، ياپونىيەنىڭ ئامامى ئوشىما ئارىلىدا، قۇتقۇزغۇچى خادىملار تاغ گەۋدىسى يىمىرىلىپ چۈشكەن يەردە ھايات قالغانلارنى ئىزدىمەكتە. ئون يىلدا بىر كۆرۈلىدىغان كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنى «ۋېيپا» 16-چېسلا كەچتە ياپونىيەنى قاپلىدى، قاتتىق يامغۇرغا قوشۇلۇپ چىققان بوران، لاتقا ـ شېغىللىق ئېقىننى كەلتۈرۈپ چىقاردى. نۆۋەتتە 18 ئادەم ئۆلۈپ،47 ئادەم يوقاپ كەتتى.
مەنبە: خەلق تورى