خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16-ئۆكتەبىر، كورېيە ساقچى ۋازارىتى سېئۇلدىكى گۇاڭخۇامېن مەيدانىدا كورېيە ساياھەت ساقچىلىرى قۇرۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. كورېيە مەنزىرە رايونلىرىدىكى چەتئەللىك ساياھەتچىلەرگە قارىتىلغان قانۇنسىز قىلمىشلارنىڭ كۆپىيىشىدەك ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، كورېيە تەنتەربىيە-مەدەنىيەت-ساياھەت مىنىستىرلىكى ۋە ساقچى ۋازارىتى 14-ئۆكتەبىر 101 نەپەر مەخسۇس يۇقىرىدىكى ئەھۋاللارغا زەربە بېرىدىغان «ساياھەت ساقچىسى»نىڭ 16-ئۆكتەبىردىن باشلاپ سېئۇل شەھىرىدىكى ئاساسلىق مەنزىرە رايونلىرىدا چارلاش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، ئاساسلىق چەتئەللىك ساياھەتچىلەرگە قارىتىلغان قالايمىقان ھەق ئېلىش ۋە قانۇنسىز تاكسى مەسىلىلىرىگە زەربە بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، چەتئەللىك ساياھەتچىلەر مال سېتىۋالغاندا ناچار بولغان مۇلازىمەت پوزىتسىيەسىگە ئۇچرىسا ياكى مال قايتۇرۇش رەت قىلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئۇچرسىمۇ ساياھەت ساقچىسىغا ئەرز قىلسا بولىدۇ.
«كورېيە كۈندىلىك گېزىتى» 15-ئۆكتەبىر ئوبزور ئېلان قىلىپ، بۇلتۇر، كورېيەگە كەلگەن چەتئەللىك ساياھەتچىلەر سانىنىڭ 10 مىليوندىن ئېشىشىغا ئەگىشىپ، چەتئەللىكلەرگە قارىتىلغان قانۇنسىز قىلمىشلار كۆپەيمەكتە. كورېيە گرېتسىيە، مالايسىيا قاتارلىق ساياھەت دۆلەتلىرىنىڭ ساياھەت ساقچىسى تەسىس قىلىش ئۇسۇلىدىن ئۆگىنىپ، بۇنى دۆلەتنىڭ ساياھەتچىلىك نام كارتۇچكىسى قىلىشى كېرەك، دېدى.
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى