خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۆكتەبىر ئېيى كىرگەندىن بۇيان كۇچا ناھىيەسىدىكى 20 گە يېقىن دېھقان رەسسام ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ تەشكىللىشى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يۇرتىدىكى داڭلىق رەسساملارنىڭ كەسىپ جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشى بىلەن ھەرقايسى يېزا، بازارلاردىكى مەدەنىيەت – تەنتەربىيە مەركىزى ۋە مەدەنىيەت مەيدانلىرىنىڭ مەدەنىيەت تېمىغا ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى ئالەمشۇمۇل يېڭى تەرەققىياتلار ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلارغا ئىتىبار بېرىش سىياسەتلىرى ۋە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بۈگۈنكى بەختىيار تۇرمۇشى جانلىق ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن رەسىم سىزىش خىزمىتىنى باشلىدى.
ئىگىلىنىشچە، بۇ دېھقان رەسساملار 5- ئۆكتەبىردىن 13- ئۆكتەبىرگىچە ئۈچئۆستەڭ يېزىلىق مەدەنىيەت – تەنتەربىيە مەركىزى، ئالاقاغا بازارلىق ئىتتىپاق مەدەنىيەت مەيدانىدىكى مەدەنىيەت تېمىغا 50 پار چىدىن ئارتۇق نادىر رەسىملەرنى سىزىپ، 2013- يىللىق قۇربان ھېيتىغا سوغا تەقدىم قىلغان، نۆۋەتتە رەسىم سىزىش خىزمىتى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، قۇربان ھېيتتىن كېيىن يەنە بەش يېزا، بازارلىق مەدەنىيەت پائالىيەت ئورۇنلىرىنىڭ مەدەنىيەت تېمىغا رەسىم سىزىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئىلغار مەدەنىيەت ئارقىلىق يېتەكلەپ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى جانلىق نامايان قىلىپ ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە كومپارتىيە ياخشى ، سوتسىيالىزىم ياخشى ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ياخشى ، ئۇلۇغ ۋەتەن ياخشى ، ھەر مىللەت ئاممىسى ياخشى ، خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسى ياخشى دېگەن دەۋىر مىلودىيەسىنى ياڭرىتىشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىكەن. (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: كۇچا ناھىيەلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدىن نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى)
سۆرەتتە: 12- ئۆكتەبىر دېھقان رەسساملار ئالاقاغا بازىرىنىڭ ئىتتىپاق مەدەنىيەت مەيدانىدىكى مەدەنىيەت تېمىغا رەسىم سىزىماقتا.
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى