كۇچا ناھىيەلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، مەدەنىيەت – تەنتەربىيە، رادىئو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 12- ئۆكتەبىر كۈسەن مەدەنىيەت مەيدانىدا « كەلدى ئايەم، كۈلدى ئالەم» تېمىسىدا قۇربان ھېيتلىق ئەدەبىيات – سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتمقى قۇربان ھېيتلىق ئەدەبىيات – سەنئەت كىچىلىكىدە كۈسەن ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكى، مۇقام ئەلنەغمە سەنئەت ئۆمىكىدىكى ئارتىسلار ۋە بىر قىسىم مەكتەپلەردىكى كىچىك ئارتىسلار قۇربان ھېيتنى قۇتلۇقلاشقا تەييارلىغان ئىسلاھات ، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان ، بولۇپمۇ ساھەلەر بوييچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى يولغا قويۇلغان ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئالەمشۇمۇل يېڭى تەرەققىياتلار، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىدىكى زور ياخشىلىنىشلارنى مەدھىيەلەيدىغان ناخشا، ئۇسسۇل، ئىتوت قاتارلىق سەرخىل ئويۇنلارنى ئورۇنلاپ، كېچىلىكنى كۆرۈشكە قاتناشقان 2000دىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەختىيار تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتتى.