خەلق تورىنىڭ 11-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فوتوگراف لۇ رۇيۋېينىڭ ئوت ئاپىتى نەق مەيدانى سىرتىدىن خەۋەر بېرىشىچە، 10-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 17 ئەتراپىدا، شېنجىندىكى بىر قۇرۇلۇشتا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن، نەق مەيدان قويۇق ئىس تۈتەككە تولغان.
ئېگىلىنىشىچە، تالاپەت يەتكەن-يەتمىگەنلىكى ھازىرچە ئېنىقلانمىغان، ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، قاتناش ساقچىلىرى نەق مەيداننىڭ قاتناش ئەھۋالىغا قوماندانلىق قىلىۋاتىدۇ.
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى