خەلق تورىنىڭ 11-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چىڭداۋ، 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى، لياۋنىڭ ناملىق ھەربىي پاراخوت جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئەدەبىيات-سەنئەت پىدائىيلىرى ھال سوراش، ئويۇن قويۇش ئۆمىكىنى كۈتۈۋالدى. 10-ئاينىڭ 9-كۈنى، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسى لياۋنىڭ ناملىق ھەربىي پاراخوتى تۇنجى ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر ھال سوراش، ئويۇن قويۇش ئۆمىكىنى كۈتۈۋالدى. ليۇ لەنفاڭ، سۇڭ زۇيىڭ، جياڭ كۇن، ياڭ خوڭجى، دەي يۈچياڭ، يۈ جۈنجيەن، لۈ جىخوڭ، لۈ ۋېي قاتارلىق داڭلىق ئارتىس-سەنئەتكارلار چىڭداۋ مەلۇم ھەربىي پورتىدا دېڭىز ئارمىيە ئوفېتسىر-ئەسكەرلىرىگە ئېيتىشىش، ئېتوت، ناخشا-ئۇسسۇل، ئېغىز ماھارىتى قاتارلىق ئېسىل ئويۇنلارنى كۆرسەتتى.
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر