خەلق تورىنىڭ 11-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يەر تەۋرەشتە قۇتقۇزۇش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن يېتىدىغان زىياننى ئەڭ زور چەكتە ئازايتىپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇشنىڭ تەشكىلىي قوماندانلىقى ۋە تېز سۈرئەتتە ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، 10-ئاينىڭ 11-كۈنى شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مەركىزى ئاتۇشتا 2013-يىللىق يەر تەۋرەشتە جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇنىۋېرسال ھەرىكەتلەندۈرۈش مانىۋېرى ئېلىپ باردى. مانىۋېرغا قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش، ج خ، قوراللىق ساقچى، كانچىلىق، داۋالاش، ئالاقە، قاتناش قاتارلىق ئورۇنلاردىن 17 ماشىنىدا 100دىن كۆپرەك ئادەم قاتناشتى.
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى