خەلق تورىنىڭ 11-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو گوۋۇيۇەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تايلاند خانلىقىنىڭ زۇڭلىسى يىڭلاكنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، شۇ جاي ۋاقتى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن كېيىن باڭكوكتىكى دونميۇڭ ئايرودرومىغا يېتىپ بېرىپ، تايلاندتىكى زىيارىتىنى رەسمىي باشلىدى. يىڭلاك تەنتەنىلىك كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، زۇڭلى لى كېچياڭنى كۈتۈۋالدى. زىيارەت داۋامىدا لى كېچياڭ تايلاند رەھبەرلىرى، ھۆكۈمەت، پارلامېنت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ ۋە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ، تايلاند پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلەيدۇ، جۇڭگو يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدۇ ھەمدە تايلاندتىكى ھەرساھە زاتلىرى بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچرىشىدۇ. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈستىدە ئۇزاق مەزگىللىك پىلان تۈزىدۇ، ھەمدە ئىككى تەرەپلىك بىر قاتار مۇھىم ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنى ئىمزالايدۇ.
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى