باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

تۈركىيە جۇڭگودىن ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋېلىشنى جاكارلىغاندا غەرب ئەللىرى ئولتۇرالمىدى(4)

2013.10.12 09:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈركىيە تاراتقۇلىرى باھالىغاندەك، تۈركىيە قىزىل بايراق-9 بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش سىستېمىسى تۈرى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ تېخنىكىسىغا ئېرىشىدۇ ھەمدە ياۋروپا ئەللىرى ۋە ئامېرىكىغا ئۆزىنىڭ يەر شارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يوشۇرۇن شېرىكى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تۈركىيە ھۆكۈمىتى گەرچە جۇڭگونىڭ قىزىل بايراق-9 بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سېتىۋېلىش رىقابىتىدە غەلبە قىلغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ بېسىمى كۈچىيىۋاتقاندا ئەسلىدىنلا ئاددىي بولغان قورال ياراق سودىسىغا كۆلەڭگە پەيدا بولدى.

  ئامېرىكا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئابدۇللا گۈل 30-سېنتەبىر بۇ سودىنىڭ تېخى بېكىتىلمىگەنلىكى، ھازىر پەقەت بىرلا نامزات بار بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئالدىدا ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭنىڭ ئالاقىدار شەرتلەرنى تەتقىق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۈبھىسىزكى، تۈركىيە ئالدى بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى.

  تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى يىرماس ئارقىدىن: جۇڭگودا ياسالغان قىزىل بايراق-9 بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش سىستېمىسىنىڭ باھاسى ناھايىتى مۇۋاپىق، لېكىن بۇ سودا تېخى بېكىتىلمىدى دېدى.

  تۈركىيەنىڭ نۇرغۇن تاراتقۇلىرىمۇ مۇنداق دەپ قارىدى: گەرچە جۇڭگو شىركىتى خېرىدار چاقىرىشتا غەلبە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ توختام تېخى ئەمەلىيلەشمىدى، يەنە بەزى ئۆزگىرىشلەر بولۇشى مۇمكىن.

  تۈركىيە «دەۋر گېزىتى» تۈركىيە ئارمىيە تەرەپ ئەربابىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ قارارىدىن ناھايىتى غەزەپلەندى. تۈركىيەگە نىسبەتەن ئامېرىكىنىڭ بېسىمى زور بولدى، يەنە كېلىپ بۇ بېسىم ئەمدىلا باشلاندى. ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھالقىلىق پەيتلەردە بۇ قورال ياراق سودىسىنى بۇزۇۋېتىش مۇمكىنچىلىكىنى يوققا چىقارغىلى بولمايدۇ.

  مۇشۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ نۇرغۇن تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى : خېرىدار چاقىرىشتا غەلىبە قازىنىش تۈركىيەنىڭ يىراق مۇساپىلىك ھاۋا مۇداپىيە سىستېمىسىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك خېرىدار بولۇش جۇڭگونىڭ قورال ياراق ئېكسپورتىدىكى بىر بۆسۈش. بۇ جۇڭگونىڭ تۇنجى قېتىم ھاۋا مۇداپىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن ئىبارەت مۇشۇنداق نىشانغا توغرا تېگەلەيدىغان قورالىنىڭ تۇنجى قېتىم شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەللىرى بازىرىغا كىرىشى بولۇپ، ئەھمىيىتى ناھايىتى زور.

  تۈركىيە ئاخىردا بېسىم تۈپەيلى ھاۋا مۇداپىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى كېلىشىمى بىكار قىلسىمۇ، لېكىن بۇ جۇڭگونىڭ بۇ قېتىمقى قورال ياراق ئېكسپورت قىلىشتىن ئىبارەت تارىخى غەلىبىسىنى يوققا چىقىرالمايدۇ. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت تۈركىيەنىڭ غەربنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يۇقىرى سەۋىيىدىكى ھاۋا مۇداپىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى ئەمەس بەلكى قىزىل بايراق-9 بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تاللىشىنىڭ ئۆزىلا جۇڭگونىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئاۋىئاتسىيە سانائىتىنىڭ تېخنىكا جەھەتتىن تېز تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى ۋە كۈچلۈك رىقابەت كۈچى بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر