باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

تۈركىيە جۇڭگودىن ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋېلىشنى جاكارلىغاندا غەرب ئەللىرى ئولتۇرالمىدى(3)

2013.10.12 09:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەھلىلچىلەرنىڭ ھېسابلىشىچە، جۇڭگونىڭ قىزىل بايراق-9 بەلگىلىك يىراق مۇساپىلىك ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنىڭ بۇ قېتىم غەلبە خېرىدار بولۇشى تۈركىيەنىڭ بۇ سىستېما ئېھتىياجىمىزنى تامامەن قاندۇرالايدۇ دەپ ھېسابلىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تۈركىيە ئارمىيە دائىرلىرى ئورۇنلاشتۇرۇغان نەق مەيداندىكى نىشانغا ئېتىش سىنىقىدا قىزىل بايراق-9 بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولدى، بۇ بۇ سىستېمىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ خېلىلا ياخشى ئىكەنلىكىنى ئسپاتلاپ بېرىدۇ. بۇندىن باشقا، ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە رۇسىيەگە ئوخشىمايدىغىنى جۇڭگو تۈركىيەگە قىزىل بايراق-9 بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئىشلەپ چىقىرىش تېخىنىكىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، تۈركىيەنىڭ مۇستەقىل ھالدا ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى بەربا قىلىشىغا ياردەم بېرىش توغرىسىدا ۋەدە بەردى. تۈركىيەنىڭ ئىلگىرى جۇڭگونىڭ WS-1 بەلگىلىك راكىتاسىنى غەلبىلىك ئىمپورت قىلغانلىقى ۋە ئوخشىتىپ ياسىغان تەجرىبىسىنى ئويلاشقاندا، بۇ خىل راكېتا بىلەن خەلقئارا بازارنى ئاچالايدۇ، تېخىنىكا ئۆتۈنۈش بېرىش شۈبھىسىزكى تۈركىيە ئارمىيەسىنى ئىنتايىن قىزىقتۇردى.

  ئۇندىن باشقا، مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سىياسىي ئامىلمۇ تۈركىيەنىڭ جۇڭگونىڭ قورال سىستېمىسىنى سېتىۋېلىشىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. تۈركىيە بىلگاتىس ئىستراتېگىيىلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئاتىللا ساندىكېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىلگىرى تۈركىيەمۇ ئامېرىكىدىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېما سېتىۋالماقچى بولغان، لېكىن ئامېرىكا بۇنى رەت قىلغان ئىدى. ئارقىدىن، تۈركىيە يەنە ئامېرىكىدىن ئوۋچى ناملىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سېتىۋالماقچى بولغاندا ئوخشاشلا ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ تەستىقىغا ئېرىشەلمىگەن. شۇڭا، تۈركىيەنىڭ باشقا دۆلەتتىن قورال سېتىۋالماقچى بولغانلىقىمۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىش. ئۇندىن باشقا، ناۋادا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى تاللىسا، بولۇپمۇ تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ مۇناسىۋىتى ناچارلاشقان ئەھۋالدا تۈركىيە بەزى چەكلىمىلەرگە ئۇچرىشى مۇمكىن. تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىدىغان بولسا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تېخنىكا ۋاستىسى ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ ھاۋا مۇداپىيە سىستېمىسىنى قوزغىتىشىغا توسقۇنلۇق قىلالايدۇ، شۇڭا تۈركىيە ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا ئىشلىتىدىغان ھىچ قانداق كىشىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىمايدىغان ھاۋا مۇداپىيە سىستېمىسىغا ئىگە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  تۈركىيە 1952-يىلى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرگەن، لېكىن گرېتسىيە بىلەن زېمىن ماجىراسى بولغانلىقتىن، خېلى ئۇزۇنغىچە قورال ئىمپورت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىزچىل شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە بەزى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان. بۇنىڭدىن سىرت، تۈركىيەنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كىرىش ئىلتىماسى غەربنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچرىدى، تۈركىيە بۇنىڭدىن ناھايىتى نارازى بولدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۈركىيە ئەردۇئان ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ تاشقى ئىستراتېگىيىسىنى تەدرىجىي تەڭشەپ، ئۇزۇن مەزگىل يۈرگۈزۈپ كەلگەن غەربكە مايىللىشىش، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىش ئىستراتېگىيىسىنى تېخىمۇ مۇستەقىل ئۆز ئۆزىگە خوجا بولۇشقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدىغان دىپلوماتىيەگە ئۆزگەرتتى. بۇ قېتىم غەربنىڭ بېسىمىغا قارىماي، جۇڭگودىن قىزىل بايراق-9 بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېما سېتىۋېلىپ تۈركىيەنىڭ بۇ خىل دىپلوماتىيە ھالىتىنى ئىپادىلىدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر